باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت خاسىيەتلىك كېمىنىڭ ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلگىنىگە يۇقىرى باھا بەردى

2013.06.13 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئولتۇرغان خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى تۈنۈگۈن جۇڭگونىڭ جيۇ چۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇنىڭغا ناھايىتى دېققەت قىلىپ، خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى جۇڭگونىڭ ئالەمگە ئۇچۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ بەردى، بۇ جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار بوشلۇق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى دەپ ھېسابلىدى.

  ئامېرىكا قوشما شىتات خەلقئارا ئاگېنتلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ئوربىتىدا 15 كۈن ئۇچىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئالەم كېمىسىنىڭ بوشلۇق ئوربىتىسىدا تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قېتىملىق پائالىيىتى.

  «كورىيە مىللەت گېزىتى»دە مۇنداق دەپ قارالدى: خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى جۇڭگونىڭ 2020-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ تاشلىغان چوڭ بىر قەدىمى.

  ئاۋسترالىيە SBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردى ھەمدە مۇستەقىل ئالەم مۇتەخەسسىسى مۇلىس چۈڭسنى بۇنىڭغا باھا بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. چۈڭس مۇنداق دېدى: خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاقتنالىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، بۇ مىللەتنىڭ ئىپتىخارى.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرى خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ناھايىتى دىققەت قىلدى، نۇرغۇن گېزىت ۋە تور بېكەتلىرى خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە بىرىنچى بولۇپ خەۋەر بەردى.

  بۇندىن باشقا، پولشا دۆلەتلىك ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيەنىڭ «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتى، فرانسىيەنىڭ «ئازادلىق گېزىتى» تور بېكىتى، ياپونىيەنىڭ «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما شتات ئاگېنتلىقى، جەنۇبىي ئافرىقا ئاگېنتلىقى، قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتى، پاكىستان ئىشلىرى تورىمۇ خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە