باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك مىللىي رايونلارنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2013.06.14 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى نۆۋەتلىك مىللىي رايونلارنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇنبىرى يېقىندا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، شىنجاڭ، شىزاڭ، سىچۈەن، چىڭخەي، گەنسۇ، خەينەن، شۇنداقلا گۇاڭشى قاتارلىق 9 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىر يەرگە جەم بولۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئالاقىدار قانۇن سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. شۇڭا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى پرىنسىپ رامكىسى ئىچىدە، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ، مىللىي رايونلارنى ياخشى قانۇن بىلەن ياخشى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللىي رايونلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە قوللايدىغان يېتەكچى پرىنسىپى ۋە سىياسەتلىرىنى يېتەرلىك ،جانلىق قوللىنىپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي، ئىناق،ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قانۇن تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر.

  مۇزاكىرە مەزگىلىدە مۇتەخەسسىس، ئالىملار مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى، مىللىي رايونلارنىڭ ئۆرپ ئادەت قانۇنى، مىللىي رايونلاردىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش، مىللىي رايونلارنىڭ قانۇنىنى تۈزۈش، مىللىي رايونلارنىڭ ئەدلىيىسى، قانۇننى ئىجرا قىلىش، مىللىي رايونلارنىڭ مۇھىتى ۋە بايلىقىنى قوغداش، مىللىي رايونلاردىكى دىنىي مەسىلىلەر، مىللىي رايونلار مائارىپى، مىللەتلەر باراۋەرلىكى، مىللىي ئادۋۇكاتلار ، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە