باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدىكى قارشلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئىككىنچى ھەپتىگە قەدەم قويدى

ساقچى تەرەپ بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

2013.06.13 17:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى خەۋىرى: جۇڭگو ئاۋازى «خەلقئارا خەۋەرلەر»دىن ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەدىكى قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئىككىنچى ھەپتىگە قەدەم قويغان بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 11-ئىيۇن، تۈركىيە ساقچى تەرەپ بىلەن ئىتىستانبول تاكسىم مەيدانىدىكى نامايىشىچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوئاننىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى ئاممىنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى قوزغىغان.

  تۈركىيە ساقچى تەرەپ شۇ يەر ۋاقتى سەيشەنبە چۈشتىىن بۇرۇن تاكسىم مەيدانىدا زوراۋانلىق بىلەن مەيدان تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى ھەمدە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى. ساقچىلار ئەسلى پىلانىدا تاكسىم مەيدانىغا كىرىپ پلاكات ۋە چاپلىما رەسىملەرنى تازىلىماقچى ۋە ساقچى تەرەپنىڭ گاگ باغچىسىدىن ئايرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان. بىراق ساقچى تەرەپ بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا يەنىلا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، يەرلىكتىكى گېزىتلەردە نەچچە يۈز ئادەم بۇ توقۇنۇشتا يارىلاندى دېيىلگەن. مەيدان تازىلاش ھەرىكىتى نامايىشچىلارنىڭ كۈچلۈك قارشلىقىغا ئۇچرىغان.كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا، زور تۈركۈمدىكى ئاھالە تەرەپ ـ تەرەپتىن تاكسىم مەيدانىغا يىغىلىپ، شوئار تۋلاپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك نامايىش ھەرىكىتى پارتلىغان.

  ئامما: ئەتىگەن ئىشقا ماڭىدىغاندا، نامايىشىچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئىشتىن چۈشكەن ئامما تاكسىم مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى، شۇڭا مەيداندا ئادەم بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى.

  ئەردوغان مۇستەبىتچىلەرنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدىئامما: بىز گەرچە زەھەرلىنىشتىن ساقلاش ماسكىسى تاقىۋالغان بولساقمۇ، ماسكىنىڭ ئەستىرى رەختتىن تىكىلگەن بولغاچقا، ھەر خىل تۈردىكى ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ زىيىنىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

  نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئەردوغاننىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ. يېقىندا، ئەردوغان نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ چىداشلىق بېرىش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەردوغان 12-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن نامايىشىچىلار ۋەكىلى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ قارشلىق بىلدۈررۈش ھەرىكىتى باشلانغان 15 كۈندىن بۇيان، ئەردوغاننىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئىپادە بىلدۈرۈشى. بىراق، 11-ئىيۇن كەچ يەنە بىر قېتىم ئەھۋالدا جىددىي بۇرۇلۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى ۋە بىر نەپەر تاراتقۇ خادىمى كۆرۈشۈشكە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە