باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يادرو مەسىلىسى ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بوپقالدى

2013.06.14 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-ئىيۇن، ئىراندا 4 يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىللىق سايلامنىڭ كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشىدا ئاساسلىقى 2 سەۋەب بار: بىرى، ئەھمەد نىجات ئۇدا ئىككى قارار ۋەزىپە ئۆتەپ بولدى، قايتا ۋەزىپە ئۆتىيەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ قېتىم كىمنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىغا بارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ؛ ئىككىنچىسى، چەت ئەللەردىكى ھەرساھە بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىران يادرو سۆھبىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.

  ئىراننىڭ بۇ نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا 686 ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە 8 كىشى نامزاتلىققا تاللانغان، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۈچلۈك كونسېرۋاتىپلار، مۆتىدىل كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇھقا ئايرىلغان، لېكىن ئىسلاھاتچىلارنىڭ بىردىنبىر نامزاتى، سابىق 1-مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئالىپ بىلەن سابىق پارلامېنت باشلىقى ئادىلنىڭ سايلامدىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن نامزات سانى ئالتىگە چۈشۈپ قالغان.

  2009-يىللىق سايلامدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەنلىكى، يادرو مەسىلىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىم ئىراننىڭ سايلام ۋەزىيىتى تولىمۇ كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، چەت ئەل مۇخبىرلىرىغا قارىتا ئىنتايىن قاتتىق چەكلىمە قويۇلدى، تاراتقۇ ۋىزىسى ۋە زىيارەت تەستىقى ئىنتايىن ئاز بېرىلدى، ئالاقە تورىمۇ چىڭ تۇتۇلدى ۋە قاتتىق تىزگىنلەندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە