باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەيدە ئۆزلۈكىدىن ھەقسىز قان بېرىش نىسبىتى %99.7 كە يەتتى

2013.06.17 13:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا قارىغاندا، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ھەقسىز قان تەقدىم قىلىپ جۇغلاش مىقدارى 2004-يىلىدىكى 353 مىڭ كىشلىكتىن 2012-يىلى 460 مىڭ كىشلىككە، شاڭخەي شەھىرىدىكى ئۆزلۈكىدىن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش نىسبىتى 2012-يىلى %99.7 كە يەتكەن.

  ئون يىلدىن بۇيان، شاڭخەينىڭ ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ئىشلىرىدا ھالقىما تەرەققىيات بارلىققا كېلىپ، تەقدىم قىلىش، ئېلىش، تەمىنلەش، ئىشلىتىش بىر گەۋدىلەشكەن باشقۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ كىلىنىكىدا قان ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئاساسەن قاندۇرۇلدى. بىراق يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، شاڭخەي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش سۈرئىتى تېزلەشكەنلىكتىن، داۋالاشتا بەش قوشۇلغان ئۈچ قوشۇلغان بىر پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كەلدى، مەخسۇس شاڭخەيگە داۋالانغىلى كەلگەن بىمارلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن شاڭخەينىڭ قانغا بولغان ئېھتىياجى تېز ئاشتى، قان جۇغلاش كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭ ئۈچۈن، شاڭخەي شەھەرلىك قان باشقۇرۇش ئىشخانىسى تەشۋىقات ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتى ئارقىلىق جۇغلاشتىن جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ رولىنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت تەشۋىقات ئەندىزىسىگە قاراپ بۇرۇلۇش ياساشقا ئەھمىيەت بەردى ھەم يېڭى ئۇسۇللارنى ئۆزلۈكسىز سىناق قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە