باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2013.06.19 16:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ شەھىرىدىكى كۈنىگە 120 مىڭ توننا يۇندى بىر تەرەپ قىلىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى يېقىندا پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  بۇ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 120 مو بولۇپ، قۇرۇلۇش 2011 – يىلى 7 – ئايدا باشلانغان. ھازىر 300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا غول يۇندى چىقىرىش يولى ياسالغاندىن باشقا، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش لىنىيەسىدە يېڭى تىپتىكى سۇ ئايرىش، بىيولوگىيەلىك تازىلاش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، پۈتۈن ئىش ھالقىسىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاپتوماتىك كونترول قىلىش ئاساس قىلىندى. بۇ زاۋۇت ھازىر ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئونسۇ ناھىيەسىدىن قۇيۇپ بېرىلگەن يۇندىلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ئەمەلىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. (غەيرەت ئۆمەر خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە