باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئىقتىسادى نۇسخىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى(1)

2013.06.19 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەككىز دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما «ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» سۆھبىتىنى باشلاشنى پىلانلىدى. ئىككى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىللىرى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە سۆھبەتنى تاماملاپ بولۇشنى پىلانلىدى. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا دۇنيانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىنى، دۇنيا سودىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئوتتۇرىچە سودا سوممىسى ئىككى مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئۆزئارا سالغان مەبلىغى 3 تىرىليون 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. شۇڭا، ناۋادا ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولسا، دۇنيا سودىسى، مەبلەغ سېلىش قائىدىسى تۈزۈشكە باشلامچىلىق قىلىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى قايتىدىن تىكلەيدۇ. ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىدىن سىرت، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يەنە كانادا بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ۋە سودا كېلىشىمى سۆھبىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ غەرب ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت كۇلۇبىدىكى سەككىز دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلىشىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى زور.

  ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى سودا كېلىشىمى بولۇپلا قالماستىن بەلكى چوڭقۇر سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولغان ئىچكى بازار يارىتىدۇ، سۆھبەتتە ئىككى چوڭ بازارنىڭ مەمۇرىي ساھەدىكى سودا توسالغۇسىنى تۈگىتىشكە كۈچ چىقىرىلىپ، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ئاللىبۇرۇن ئىقتىسادتىن ئېشىپ كەتكەن. ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى يارىتىدۇ ھەمدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيانقى ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشى مۇمكىن. گېرمانىيە ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى ۋە ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئەركىن سودا كېلىشىمى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر يۈرۈش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئەڭ ئاخىردىكى نىشانى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا مەنپەئەتىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى يەنى «ئىقتىساد نۇسخىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى»نى شەكىللەندۈرۈپ، كۈنسېرى ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ئىقتىسادى مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدۇ.نۆۋەتتىكى دۇنيادا ئۇچقاندەك ئۆزگىرىشلەر بولماقتا. غەربتىكى ئەنئەنىۋى دۆلەتلەر ئەۋزەللىكىنى يوقاتماقتا. ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتى غەربنى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشتىن ساقلاپ قېلىپ، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۈزۈل كېسىل ئۆزگەرتەلەشىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەركىن سودا سۆھبىتى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان ۋەقە بولىدۇ ھەمدە 21-ئەسىردىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ بېرىدۇ دەپ ھېسابلىدى.سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئاتلانتىك ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە قىستىغان. بۈگۈنكى كۈندە بولسا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىنى سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە