باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان ۋىزىسىنىڭ باھاسى 2017-يىللىق دۇنيا يەرمەنكىسىدىن بۇرۇن ئۆسۈشى مۇمكىن

2013.06.19 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىللىق دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا قازاقىستان ۋىزىسىنىڭ باھاسى ئۆسۈشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئاستانادىكى ‹پايتەخت ساياھەت جەمىيىتى›نىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ۋاستىچى شىركەتلەرنىڭ مۇلازىمەت ھەققىنى قوشقاندا، چەتئەللىكلەرنىڭ ۋىزا بېجىرىش خىراجىتى يۇقىرى بولغاندا، 300 دوللاردىن 400 دوللارغىچە بولۇۋېتىپتۇ. ۋىزا بىجىرىشنىڭ خەلقئارا ئوتتۇرىچە باھاسى50 دوللاردىن 100 دوللارغىچە ئىكەن. قازاقىستاندىكى ساياھەت كوپراتىپلىرى «ۋىزا بېجىرىش خىراجىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشى مۇمكىن» دەپ قارىدى.

  لېكىن قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بارلىق رەسمىيەت ھەققىنى قوشقاندا، قازاقىستان ۋىزىسىنى بىجىرىش خىراجىتى 700تەڭگە (47دوللار) ئىكەن. كونسۇل مەھكىمىسىنىڭ خادىمى چۈشەندۈرۈپ، ۋىزا بىجىرىشكە ۋاستىچىنىڭ كېرىكى يوق، بارلىق ماتېرىياللارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى توردا يوللاپ بەرسىلا بولىدۇ دېدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە