باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر ۋە پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلايلى

2013.06.19 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-ئىيۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جيەنشېڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتى يىغىنى 18-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، پۈتۈن پارتىيەدە بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ‐‐ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ، كادىرلار بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قويۇقلاشتۇرۇپ. ئامما رازى بولغۇدەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. (لى جاڭجۈن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە