باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى(1)

2013.06.18 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشيەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا بېرىپ تەبرىكلىدى، ليۇ يۈنشەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا قۇرۇلتاي باشلاندى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرى ۋە ئىتتىپاق شېرىنى ئوقۇدى.

  ئالتە پىيونېرلار ۋەكىلى قۇرۇلتايدا سۆز قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن كەلگەن، بەزىلىرى تىرىشىپ ئىجاد قىلىۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بەزىلىرى سەنئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئەما بالىلار. بالىلار غايىسى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى ۋە ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى، كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، ليۇ يۈنشەن پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە سەلتەنەتلىك ياشلىق باھارى سەھپىسىنىى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

  ليۇ يۈنشەن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: 90 نەچچە يىلدىن بۇيان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باشتىن-ئاخىر پارتىيە بىلەن قەلبداش، قەدەمداش بولۇپ، ياشلارنى مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ياشلىق باھارى، ئەقىل پاراسىتىنى ئاتا قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇملىقىنى زىچ چۆرىدەپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ياشلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. ياشلار پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك سەپلىرىدە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، دادىللىك بىلەن تۆھپە قوشۇپ، جىددىي خەتەرلىك پەيتتە ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، زور سىناقلار ئالدىدا سەپنىڭ ئالدىغا مېڭىپ، قەتئىي غايە ئېتىقادى ۋە يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى، كۈچلۈك زىممىسىگە ئېلىش ئېڭى ۋە ياخشى روھى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل