باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 4-ئىيۇل تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ

2013.06.19 16:20         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تەتىللىك تۇرمۇشىنى باشلايدۇ.

  17-ئىيۇن مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەۋسۈمدە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 20-ئىيۇندىن 21-ئىيۇنغىچە، تولۇقسىز-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە 28-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن.

  شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەتىل مەزگىلىدىكى دەرس تولۇقلاشنى ئاۋۋالقىدەكلا مەكتەپنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى سۈپىتىدە چىڭ تۇتىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى تەكرار سىنىپلىرىنى ئېچىشىغا بولمايدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، شۇنداقلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغان سىنىپلاردىن باشقا سىنىپلارنىڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئىگىلەپ دەرس ئاڭلاشقا ۋە كوللېكتىپ دەرس تەكرار قىلىشىقا تەشكىللىشىگە بولمايدۇ. مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك تەكرار سىنىپلىرىغا ۋە تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەشكە بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە