قەلبداشلار ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سېھرىگەرلىك ماھارىتى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى خەۋىرى. 16-ئىيۇن، چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات رايونى دۆلەت باج ئىدارىسى ياردەم قىلغان «شىنجاڭ ئون يۈەن قەلبداشلار ئۆمىكى» 28 نامرات ئائىلىنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ بىر كۈن ساياھەت قىلدۇرغان ھەمدە بالىلارغا يېڭى كىيىم، ئاياق ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان غەمخۇرلۇقى ۋە تىلىكىنى بىلدۈرگەن.
شۇ كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 13:00تە، «شىنجاڭ 10 يۈەن قەلبداشلار ئۆمىكى»نىڭ باشلىقى رەشىدەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 28 ئۆسمۈر تۇنجى قېتىم 3D كىنونى كۆرگەن، بالىلارنىڭ ئىچ ـ ئىچىدىن خۇشال بولغان قىياپىتى ئۆمەك ئەزالىرىنى خۇش قىلغان.
رەشىدە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، بۇ بالىلار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە مەكتىپى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 74-باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن بولۇپ، ھەممىسى نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ 10 يۈەن قەلبداشلار ئۆمىكى 2011-يىلى 1-ئاپرېل قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە، «شىنجاڭ 10 يۈەن قەلبداشلار ئۆمىكى» 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىپ، بۇ پۇللارنى ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارچە ـ پۇرات خىراجىتى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشى ۋە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە ئىشلەتكەن ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى