باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

يېقىندا دۇنيادىكى بايلارنىڭ 16 مىليارد دوللارلىق مۈلكى ئازايغان

2013.06.18 15:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17 – ئىيۇن يېڭى تاراتقۇلار مەخسۇس تېلېگراممىسى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار 200 باينىڭ 16 مىليارد دوللارلىق مۈلكى ئازايغان. 6 – ئايدىكى ئىستېمالچىلار ئىشەنچىسىدە ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 2014 – يىلىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى، ھەم ئەگەر ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا، ئامېرىكا زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش تەدبىرىنىڭ خەتىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇردى.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇردوك يېقىندا مۈلكى ئازايغان بايلارنىڭ بىرى ئىكەن. موردۇك ھازىر پېڭبو بايلار تىزىملىكىدىكى 78 – ئورۇندا تۇرىدىغان باي بولۇپ، 12 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق مۈلكى بار ئىكەن. ھەر كۈنى ئۆزگەرتىلىدىغان بايلار كۆرسەتكۈچ سانىغا قارىغاندا موردۇكنىڭ 290 مىليون دوللارلىق مۈلكى ئازايغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە