باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانىغا پۈتۈنلەي توردا تىزىملىنىدۇ

2013.06.18 15:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 17-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، يىلدا بىر كېلىدىغان دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاش باشلانغان ، 2013-يىلى تىزىملاشقا قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، نەق مەيداندا بېكىتىلمەيدىكەن .

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، 2013-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش توردا تىزىملاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن . تىزىملاش ۋاقتى 16-ئىيۇندىن 5-ئىيۇلغىچە ، توردا ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى 10-ئىيۇلغىچە ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بولىدىكەن . تىزىملاتقۇچىلار يۇقىرىدا دېيىلگەن مۆھلەت ئىچىدە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى http://www.moj.gov.cn غا كىرىپ ، بەلگىلەنگەن تىزىملىتىش تەرتىپلىرى ۋە تەلىپى بويىچە تىزىملاتسا بولىدىكەن ، ھەمدە تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى ھەقىقىي ، توغرا تولدۇرۇشى ، تورغا ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا رەسىمىنى چىقىرىشى ، ئىمتىھان ھەقلىرىنى تاپشۇرۇشى ، تىزىملىتىش كىنىشكىسى ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى نۇسخىلاپ چىقىرىشى كېرەككەن . ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە تىزىملاتقىلى بولمايدىكەن .

  ئىمتىھان ۋاقتى 9-ئاينىڭ 14-، 15-كۈنلىرى بولۇپ ، تىزىملاتقۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە كىملىكىنى ئېلىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن .ئۈرۈمچى ئىمتىھان رايونى ئىمتىھان نۇقتىسى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە