باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورناشتى

2013.06.18 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولدىكى، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورناشتى. «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى چۈشىنەمسىز؟» دەپ سورالغاندا، ٪91 تورداش ۋە ٪87 ئاساسىي قاتلام كادىرى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى «تولۇق چۈشىنىمەن» ياكى «قىسمەن چۈشىنىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

  سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە توسالغۇلۇق قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئامىل توغرىسىدا، تورداشلار ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئەڭ دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ٪29 تورداش ۋە ٪31 ئاساسىي قاتلام كادىرى «كونكرېت ۋە ئىنچىكە ئۆلچەم كەمچىل، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم» دېيىشتى. «توسقۇن ئامىل»نىڭ ئىككىنچى تۈرىگە نىسبەتەن تورداشلار بىلەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ كۆز قارىشىدا پەرق كۆرۈلدى، ٪29 ئاساسىي قاتلام كادىرى «يوشۇرۇن قائىدە ۋە يۈز-خاتىرە قىلىش مەسىلىسى سەۋەبىدىن زىياپەتسىز كۈتۈۋېلىش مومكىن بولمايۋاتىدۇ» دەپ قارىسا، ٪22 تورداش «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا بولغاچقا، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولمايۋاتىدۇ» دەپ قارىدى. تورداشلار ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يەنە «ئەمەلپەرەسلىك ئىدىيەسىنىڭ ئېغىرلىقى ئىستىل ئۆزگەرتىشكە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ»، «نازارەتچىلىك سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىك يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك» دېگەندەك باشقا ئامىللارنىمۇ كۆرسەتتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل