باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بۇندىن كېيىن ئۆلكىلەرنىڭ سۈپەت خىزمىتى ھەر يىلى باھالىنىدۇ

2013.06.20 11:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «سۈپەت خىزمىتىنى باھالاش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۈپەت خىزمىتىنى ھەر يىلى باھالاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى سۈپەت باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈپەت خىزمىتىنى باھالاش بەلگىلىك ئەمەلىيەت ئاساسىنى ھازىرلىدى. بىرىنچى، پۈتۈن مەملىكەتتە مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك نىسبىتىنى ئىستاتىستىكىلاپ تەكشۈرۈش سىنىقى خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك نىسبىتى ‐‐ ئەۋرىشكە مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ ۋە29 ياسىمىچىلىق كەسپى تۈرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىرلىك سۈپەت ئىستاتىستىكا كۆرسەتكۈچىدۇر. ئىككىنچى، دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە تۆت دەرىجىلىك سۈپەت ئەھۋالىدىن ئانالىز دوكلاتى بېرىش تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى پەسىللەر بويىچە سۈپەت ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، گوۋۇيۈەنگە سۈپەت ئانالىز دوكلاتى تاپشۇرىدۇ ۋە قەرەللىك ھالدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. ئۈچىنچى، بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە سۈپەت خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنى يولغا قويدى. خېبېي، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق 17 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) سۈپەت خىزمىتىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە