باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خاسىيەتلىك كېمەـــ10»نىڭ ئاشخانىسىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يىمەك-ئىچمىكى تولۇق

2013.06.20 11:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خاسىيەتلىك كېمەـــ10» ئالەم كېزىۋاتقان بۇ مەزگىلدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇزۇقلىنىشى قانداق؟ ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىملىق ئالەم سەپىرىدە، مۇتەخەسسىسلەر ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا قاراپ تاماق تىزىملىكى تۈزۈپ چىقىپ، يېڭى مىۋە-چىۋە، سۆك ئومىچى، قېتىق، زۇڭزا قاتارلىق بوشلۇق يېمەكلىكلىرىنى يېڭىدىن قوشقان. جۇڭگو ئالەم پەن-سانائەت گۇرۇھى 4-ئورنىنىڭ باش تىپ لايىھەلىگۈچىسى خۇ شېڭيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،بوشلۇقتا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خۇددى يەر يۈزىدىكىلەرگە ئوخشاشلا مەززىلىك ھەم تۈرلۈك جۇڭگوچە قورۇمىلاردىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن. تەتقىقاتچىلار «خاسىيەتلىك كېمەـــ10»نىڭ بۇ قېتىملىق ۋەزىپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، كېمىنىڭ «بوشلۇق ئاشخانىسى»نىڭ دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ پۇختىلىغان، ئىقتىدارىنى كۆپ خىللاشتۇرغان ھەم تېخىمۇ راھەتلەشتۈرگەن. ئالەم قاتنىشى يېمەكلىكىنى تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مەركىزىنىڭ يېمەكلىك سەپلەش ئېھتىياجى ۋە پىلانىغا ئاساسەن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ئالاھىدە تەمىنلىنىدىغان قىياملارنى كۆڭۈل قويۇپ ياساپ چىققان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە