باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ئىسسىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، جايلار پائال تاقابىل تۇرماقتا

2013.06.19 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ئىسسىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. 18-ئىيۇن سائەت 18دە مەركىزىي مېتىئورولوگىيە ئىستانسىسى ئىسسىق ھاۋارايى كۆك سىگنالىنى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، ئەتە كۈندۈزدە سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى، چۇڭچىڭ، گۇيجوۋنىڭ شەرقىي قىسمى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا-شىمالىي رايونلىرىدا 35 گىرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى، چۇڭچىڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، خۇنەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جياڭشىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردە ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 37 ~ 39 گىرادۇسقا يېتىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە