باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك كەسپىي تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2013.06.19 16:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر – يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 17 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن 2013 – يىللىق 1 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر – يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: جايلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت نىشانىنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەككىز جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك كەسپىي تەربىيەلەش ئارقىلىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.

  سەككىز جەھەتتىكى كونكرېت خىزمەت تۆۋەندىكىچە: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش؛ ئۈچ مۇھىم توپتىكىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يۆلەش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇش.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلە. جايلار ۋە تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يۆلەش سىياسەتلىرىنى چوقۇم كەم – كۈتىسىز، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى باشقۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ راسخوتى بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بەلگىلەنگەن دائىرە، تەرتىپ ۋە ۋاقىت بويىچە، تەستىق تەرتىپىنى ياخشىلاپ، مەبلەغ بىلەن ۋاقتىدا، تولۇق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (جاڭ شىنيۈ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە