باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئىجتىمائىي كاپالەتتىكى «قوش لىنىيەلىك تۈزۈم» ئاخىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ

2013.06.18 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىشىغا ئەگىشىپ، 1985-يىلدىن (ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا 1984-يىلدىن) باشلاپ، جايلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەت بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈمى سىناق نۇقتىسىنى قايتا قۇرۇش ئىشىنى بەس-بەستە قانات يايدۇردى. 1991-يىلى گوۋۇيۈەن «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەت بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈمىنى ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ «قوش لىنىيەلىك تۈزۈمى» پەيدىنپەي شەكىللەندى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يەنجۇڭ تونۇشتۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى ۋە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئورگان-كەسپىي ئورۇن خادىملىرى بىلەن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ پېنسىيە پۇلىدا ئاساسەن ھېچقانداق پەرق يوق ئىدى، دەيدۇ.

  كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىغا ئاساسلىقى جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى تەدبىقلانغان. ئەمما، جەمئىيەتتە مۇنتىزىم ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىكلەر زور تۈركۈمدە مەۋجۇت بولغاچقا، جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ئادەتتە مۇنتىزىم ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىدىن تۆۋەن بولدى. شۇڭا، ئورگان-كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلار بىلەن كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىدىكى پەرق تەدرىجىي چوڭىيىپ باردى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شياۋيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: مەيلى كۈتۈنۈش ياكى داۋالىنىش جەھەتتىن بولسۇن، نۆۋەتتە نۇرغۇن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ، جۈملىدىن ئورگانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، بۇ ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىمۇ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاشلا پەيدىنپەي تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلارغا قاتناشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، «قوش لىنىيەلىك تۈزۈم» ئاخىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە