- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى تەڭرىتېغى ‹‹دۇنيا مىراسلىرى››نىڭ نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
2013.06.18 14:27 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
37-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى قۇرۇلتىيى كومىتېتى 16-ئىيۇن كامبودژا پايتەختى فنومپېندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ دۇنيادىكى 27 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 31 ئورۇندىكى مىراسنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى ››گە كىرگۈزۈش ئىلتىماسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ قېتىم 31 ئورۇندىكى تاللاش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مىراسلار ئىچىدە ، سەككىز ئورۇندىكىسى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىنغان ، 20 ئورۇندىكىسى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىنغان ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچ ئورۇندىكىسى دۇنيا مەدەنىيەت تەبىئىي مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىنغان . جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەڭرىتېغى ، يۈننەننىڭ خانى پەلەمپەيسىمان ئېتىزلىرى (يۈەنياڭ پەلەمپەيسىمان ئېتىزلىرى)، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ فۇجى تېغى ، چاۋشيەننىڭ كائېسوڭ تارىخىي خارابىلىكى قاتارلىقلار نامزات تىزىملىككە ئىلتىماس قىلىندى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە