ئۆتكەن ئۈچ ئاي ئىچىدە، پېرۇ پايتەختى لىمادىكى بىر تۈرمىدە 1200دىن ئارتۇق مەھبۇس گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئوينىغان، ئۇلار تېخىمۇ كۆپلىگەن مەھبۇسلارنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا بىرلىكتە ئۇسۇل ئويناپ جىنىس دۇنيا رېكورتى يارىتىشىنى ئارزۇ قىلغان.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرمە لۇرىگانچو دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ لىما شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان ئىكەن، توردا تارقالغان ۋىدىئو ۋە سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 1000دىن ئارتۇق مەھبۇس ئوچۇق قىزىل كىيىم كىيىپ تۈرمە ھويلىسىدا نەچچە ئون رەت تۇرۇپ، تېز ئۇدارلىق مۇزىكىغا ئەگىشىپ، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتى قىلغان.