باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەك ئاينىغان ئۈندۈرمىلەرگە خۇرۇج قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن

2013.06.18 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاراتقۇلاردا ‹‹زەھەرلىك ئۈندۈرمە››گە ئائىت خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالدى، ئۇنداقتا زەھەرلىك ئۈندۈرمە دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ قانداق زىيىنى بار؟ بازارلاردا ھازىرمۇ زەھەرلىك ئۈندۈرمە بارمۇ؟ زەھەرلىك ئۈندۈرمىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟ يېقىندا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆكتاتشۇناسلىق پېنى ئاسپىرانت يېتەكچىسى، پىروفېسسور لىن چېڭنى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدىم.

  لىن پىروفېسسور مۇنداق دېدى: ‹‹زەھەرلىك ئۈندۈرمە›› دېگىنىمىز، ئۆسۈشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن قانۇنسىز خۇرۇجلارنى قوشۇپ ئۆستۈرۈلگەن ئۈندۈرمىنى كۆرسىتىدۇ. زەھەرلىك ئۈندۈرمىگە دائىم ئىشلىتىدىغان قانۇنسىز خۇرۇجلار ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىسى، ئۈندۈرمىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدىغان ئورىيا، ئوت – چۆپ يوقىتىش دورىسى قاتارلىقلار؛ ئىككىنچىسى، ئاقارتقۇچى ماددىلار، مەسىلەن، بىخەتەرلىك پاراشوكى (ناترىي گىدروسۇلفىد). ئورىيا ئاساسلىقى دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدۇ، بىخەتەرلىك پاراشوكى سانائەت ماتېرىيالى بولۇپ، توقۇمىچىلىق، كۆنچىلىك قاتارلىق كەسىپلەردە ئاقارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئەگەر ئادەم ئۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلسا نېرۋا سىستېمىسى، نەپەس يولى سىستېمىسى، جىگەر ئىقتىدارى بەلگىلىك زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئۇنداقتا زەھەرلىك ئۈندۈرمىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟ لىن پىروفېسسور تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بەردى: بىرىنچى، ئۈندۈرمىنىڭ غولىغا قاراش كېرەك، تەبىئىي ئۆستۈرگەن ئۈندۈرمە تۈز، ئىنچىكە بولىدۇ، ئۈندۈرمىنىڭ تېگى يۇمشاق بولمايدۇ، چۈرۈك، پارقىراق، ئاق بولىدۇ، خىمىيەۋى ئوغۇت قوشۇپ ئۆستۈرگەن ئۈندۈرمە سەل تومراق، تۇتۇق ئاق بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۈندۈرمىنىڭ يىلتىزىغا قاراش كېرەك، تەبىئىي ئۈندۈرمىنىڭ يىلتىزى ياخشى ئۆسكەن، سېسىمىغان، ئېزىلىپ كەتمىگەن بولىدۇ، خىمىيەۋى ئوغۇت قوشۇپ ئۆستۈرگەن ئۈندۈرمىنىڭ يىلتىزى قىسقا، يىلتىزى يوق دېيەرلىك ياكى يوق بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئۈندۈرمە پۇرچىقىنىڭ دانچىسىغا قاراش كېرەك، تەبىئىي ئۆستۈرۈلگەن ئۈندۈرمىنىڭ دانچىلىرى نورمال بولىدۇ، خىمىيەۋى ئوغۇتقا چىلاپ ئۆستۈرگەن ئۈندۈرمىنىڭ دانچىسى كۆكىرىپ كېتىدۇ. تۆتىنچى، ئۈندۈرمە غولىنىڭ كەسمە يۈزىدە سۇ تەپچىپ چىققان – چىقمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، سۇ تەپچىپ چىقمىغانلىرى تەبىئىي ئۆستۈرۈلگەن ئۈندۈرمە، سۇ تەپچىپ چىققانلىرى خىمىيەۋى ئوغۇتقا چىلاپ ئۆستۈرگەن ئۈندۈرمە بولىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە