باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى باشلاندى

2013.06.18 14:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلگىرىلەۋاتقان گۈزەل شىنجاڭ
  2013 – يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى 17 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە باشلاندى. كەلگۈسى ئون كۈندە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 20دىن ئارتۇق ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئۆمىكى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەندىكى مۇناسىۋەتلىك جايلار ۋە ئىدارىلەردە زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولىدۇ ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەيدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى ‹‹بىخەتەرلىك ئاساسىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش›› بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

  مەملىكەتلىك ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› پائالىيىتى كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ يۈەنيۈەن پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل، جايلاردا ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن كۆمۈر كاندا گاز پارتلاش، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار پارتلاش، ئوت ئاپىتى ۋە ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈش، سوقۇلۇشتەك ئېغىر ھادىسىلەر يۈز بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى. مەملىكەتلىك ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› پائالىيىتى بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكى،

  تەشۋىقات ئەترىتى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بولۇشتەك ئۈچ خىل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلاملاردىكى ‹‹قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش›› خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ، توغرا خەۋەر قىلىپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىشى ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنى دەل ۋاقتىدا تەنقىد قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار مەملىكەتلىك ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپەر›› پائالىيىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى رەھبەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، قانۇن قاتتىق ئىجرا قىلىنغان، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان›› بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر خىل ھادىسىلەرنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى›› پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 17 – ئىيۇندىن 23 – ئىيۇنغىچە مەملىكەتلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىر ھەپتىلىكى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. 17 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدىن كېيىن، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە بىر قېتىملىق خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم توشۇغان ئاپتوموبىلنىڭ قاتناش ھادىسىسىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى ئۆتكۈزدى، بۇ نەق مەيدان مانېۋىرى تېلېۋىزىيە سىگنالى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى.

  بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تيەن جيەنرۇڭ، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شېڭ ديەنچېڭ قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە