- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013-يىلى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭدىن 130 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى
2013.06.18 14:25 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
نۆۋەتتە توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلمەكتە
2013-يىلى، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭدىن 130 مىڭ 100 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 2012-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 6700 ئوقۇغۇچى كۆپ قوبۇل قىلىنىدىكەن.
16-ئىيۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن خۇڭشىننىڭ ئېيتىشىچە ، 130 مىڭ 100 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا، تولۇق كۇرسقا قاتلاملار بويىچە 66 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى، مەخسۇس كۇرسقا قاتلاملار بويىچە 36 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 25-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكا نومۇرى ۋە كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن نومۇرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن. 28-ئىيۇن ئەڭ تۆۋەن نومۇر چەك ئېلان قىلىنىپ، 3-ئىيۇلدىن باشلاپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە