باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان شەھەرلەر نېمە ئۈچۈن خېيبيغا جۇغلىشىپ قالىدۇ؟

2013.06.17 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېڭى ھاۋا-مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى بويىچە باھالانغان 74 شەھەر ئىچىدە، شىجياجۇاڭ شەھىرى 1- ۋە 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 2-ئورۇندا تۇرغان، 2- ۋە 4-ئايدا ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا تۇرغان.

  خېبېي ئۆلكىلىك مۇھىت ئۆلچەش-تەكشۈرۈش مەركىزى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇخبىرغا خەرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مۇنۇلارنى چۈشەندۈردى: «قاراڭ، بۇلغانغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى تەيخاڭشەن تېغىنىڭ شەرقىگە تارقالغان، بۇ ئېنىقلا جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شىجياجۇاڭنى ئېلىپ ئېيتساق، غەربى ئېگىز، شەرقى پەس بولۇپ،يەر شەكلى‹بوران توسۇقى›غا ئوخشايدۇ. لېكىن غايەت زور بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى تەبىئىي ئامىلدىن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.»

  بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ زور بولۇشى، جۇغراپىيەلىك شارائىتنىڭ تارقىلىشقا پايدىسىز بولۇشى، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىنى خېبېي ئۆلكىسىدىكى ئېغىر بۇلغانغان بىر نەچچە چوڭ شەھەرنىڭ ئورتاق مەسىلىسى دېيىشكە بولىدۇ، شۇڭا مۇھىتى ئېغىر بۇلغان شەھەرلەرنىڭ بۇ يەرگە جۇغلىشىپ قېلىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە