باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەن خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدىغان 31 تۈرلۈك يېڭى سىياسەت ئېلان قىلىندى

2013.06.17 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 5-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرىدە، چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ تەيۋەن خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدىغان 31 تۈرلۈك يېڭى سىياسەت-تەدبىرنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ مەزمۇنى ئىككى قىرغاق خادىملىرىنىڭ بېرىپ-كېلىشى، تەيۋەنگە ساياھەتكە بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئاساسىي قاتلام مۇرەسسەسى، مەدەنىيەت ئالاقىسى، نەشر ھوقۇقى سودىسى، ئىككى قىرغاق ئارا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. 16-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىجۈن، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يوۋ چۈەن، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاۋ چىۋېي، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خې جيەنجۇڭلار مۇنبەردە ئالاقىدار يېڭى سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە