باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومېتىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنى ئېچىلدى

2013.06.18 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومېتىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنى 17 – ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا ‹‹ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش›› باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا چارە – تەدبىر كۆرسىتىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن چۈشتىن بۇرۇنقى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يوڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئايرىم – ئايرىم يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەزمۇنى، ئالاقىدار قائىدە – تۈزۈملەرگە قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىزاھات بەردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى شياڭلىن يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا ئىزاھات بەردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ باش كاتىپى ليۇ جىنچياڭ كادىرلار ئىشلىرى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا تاڭ باۋپېڭ، جاۋ شيا، خۇاڭ شاۋخۇا، رېن شيۇجۈەن، جاۋ دېجۇڭ، جاكىيا ئىسكەندەر، جيا ديەنزېڭ، جاپپار ئىبراھىم، شياۋ چىڭخۇا، جياڭ پىڭئەن، جۇ جۈنلىن، ئىبراھىم مامۇت، مېڭ چىڭسەي، لو جيەنجى، گاۋ جيەنجۈن، پاتىمە مەھمۇت، زۇلپىيە ئابدۇقادىر، مۇزەپپەر مىجىت، ليۇ كې قاتارلىقلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، مەھەللە باشقۇرۇش خىزمىتى، ئېكولوگىيە تۆلەم مېخانىزمى ئورنىتىش، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (يەسلى)لەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، يېزىلاردىكى ‹‹ئۈچ خىل مەبلەغ›› ئىسلاھاتى، كارخانىلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش، خەلقئارا تاشيول تىرانسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر، بازارلىشىش قۇرۇلۇشىنى قوللاش قاتارلىق تېمىلاردا سۆز قىلدى.

  يىغىندا خەن يوڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى؛ ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، ھالقىما تەرەققىيات ئۈچۈن پائال كۈچ چىقىرىشى؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇش، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى؛ خەلق تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر قوغداشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمىتى قىلىشى؛ يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىناق، ئېجىل مىللىي مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلىشى؛ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ جېنشەن چۈشتىن كېيىنكى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىملار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە