باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقا مۇسۇلمانلىرى ئوباما ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى(1)

2013.06.17 13:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمان ئادۋۇكاتلار ئۆمىكى رەسمىي ھالدا ئەرزنامە سۇنۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوبامانى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ ئەيىبلەپ، قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  مۇسۇلمان ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتى (Muslim Lawyers Association) نىڭ باياناتچىسى Yousha Tayobئاخبارات ۋاستىسى Ciiرادىئوسىغا مۇنداق دېدى: «ئەرزنامىدە مۇنداق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوباما جەنۇبىي ئافرىقىغا كېلىشى بىلەن ئۇنى قولغا ئېلىش كېرەك ياكى باشقا قانۇنلۇق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنى سوراق قىلىش كېرەك». خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنسە، دىپلوماتىك كەچۈرۈم ھوقۇقى ئىشلەنمەيدۇ، دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنسە، ئۇنداقتا دىپلوماتىيە جەھەتتىن كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىنى تەتبىقلاش مۇۋاپىق ئەمەس، دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ بۇ جىنايەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

  مۇسۇلمان ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتى جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىك تەپتىش ئورگانلىرىغا ئەرزنامە تاپشۇرغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوباما جەنۇبىي ئافرىقىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان كۈنىدە ئۇنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئوباما ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتچىلىككە قارشى جىنايەت شۇنداقلا بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىپ نەچچە يۈزلىگەن، نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشتەك ئىرقىي قۇرۇتۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە