باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىنى تەشكىللەش ئىسلاھاتى 15–ئىيۇن رەسمىي يولغا قويۇلدى

2013.06.18 14:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى يۈك تىرانسپورتىنى تەشكىللەش ئىسلاھاتىنى 15 – ئىيۇن رەسمىي يولغا قويۇپ، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىنىڭ بازارغا ئومۇميۈزلۈك يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىغا ئۆزگىرىشىنى تېزلەتتى.

  جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى تىرانسپورت ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىنى تەشكىللەش ئىسلاھاتىدا ئاساسلىقى تۆت جەھەتتە زور ئۆزگىرىش بولىدىكەن: بىرىنچى، يۈك تىرانسپورتىنى قوبۇل قىلىش شەكلى ئىسلاھ قىلىنىدىكەن. رەسمىيەت ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، تىرانسپورت يوللىرى كېڭەيتىلىپ، نورمىسىز قوبۇل قىلىنىپ، ھەر ۋاقىت كەسىپ بېجىرىلىپ، مۇئامىلىدارلارغا بىۋاسىتە، ئەپلىك، تېز مۇلازىمەت قىلىنىدىكەن. ئىككىنچى، تىرانسپورتنى تەشكىللەش شەكلى ئىسلاھ قىلىنىدىكەن. مۇئامىلىدارلارنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجىغا ئاساسەن تىرانسپورت پىلانى تۈزۈلۈپ، قاچىلاپ توشۇش ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تىرانسپورت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدىكەن. ئۈچىنچى، يۈك تىرانسپورت ھەققى ئېنىقلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇلىدىكەن. دۆلەتنىڭ كىرا ھەققى سىياسىتى قەتئىي ئىجرا قىلىنىپ، قانۇن بويىچە مۇۋاپىق، ئاشكارا، ئېنىق ھەق ئېلىشتا چىڭ تۇرۇلىدىكەن. تۆتىنچى، تۆمۈريول ئومۇمىي مۇساپىلىك ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇلىدىكەن. ئالدىغا بېرىپ ئېلىۋېلىش – يەتكۈزۈپ بېرىش تورى بەرپا قىلىنىپ، مۇقىم باھا تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن.

  تۆمۈريول باش شىركىتى مۇئامىلىدارلارغا قوبۇل قىلىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھەرۋاقىت كەسىپ بېجىرىپ، ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە