باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى: غەربكە باش ئەگمەيمىز

2013.06.17 17:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەسەن روۋھانى ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، دەپ ۋەدە بەردى

  ئىراننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى، سابىق يادرو سۆھبىتى باش ۋەكىلى ھەسەن روۋھانى (ئوتتۇرىدا)

  شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 15-ئىيۇن ، ئىران ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىقى سابىق يادرو سۆھبىتى باش ۋەكىلى، خۇش پېئىل كونسېرۋاتىپ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھەسەن روۋھانى (hassanrowhani) نىڭ ئىران زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى .

  خەلق تورى ، 16-ئىيۇن خەۋىرى : ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى شۇ يەر ۋاقتى 15-ئىيۇن ئاشكارىلاندى ، 64 ياشلىق ھەسەن روۋھانى ئىراننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىلىققا سايلاندى .

  ھەسەن روۋھانى بۇ قېتىملىق ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى بىردىنبىر روھانىي بولسىمۇ ، بىراق خۇش پېئىل (ئېغىر-بېسىق) كونسېرۋاتىپ دەپ قارالغان ، ئۇ سابىق زۇڭتۇڭ ھاتەمى (Seyyed Mohammad Khatami) ۋە رافسانجانى (Akbar Hāshemī Rafsanjānī) رەھبەرلىكىدىكى ئىسلاھاتچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن . بۇنىڭدىن سىرت ، ئۇنىڭ ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ھامېنېي (Ayatollah Sayyed Ali Khamenei) بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق . ھامېنېي ئىراننىڭ بارلىق مۇھىم تەدبىرلىرىدە ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە .

  ھەسەن روۋھانى 1948-يىلى ئىراننىڭ سورخ شەھىرىدە تۇغۇلغان ، كېيىن ئەنگىلىيە سكوتلاندنىڭ Glasgow Caledonian ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن پەنلىرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . ئۇ ئۆسمۈر چاغلىرىدىلا دىننى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان، ھەتتا ئىلگىرى ئىراننىڭ 1979-يىلىدىكى ئىنقىلابىنىڭ ئالدىدا ، ئۇ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھۇمەينى (Ruhollah Musavi Khomeini) نى قەتئىي قوللىغان . ئىگىلىنىشىچە ، ئانا تىلى پارس تىلىدىن باشقا ، ئۇ ئېنگلىز ، نېمىس، فىرانسۇز ، رۇس ۋە ئەرەب تىللىرىنى راۋان سۆزلەيدىكەن .

  ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭ ئەھمەدى نىجادقا سېلىشتۇرغاندا ، ھەسەن روۋھانى خەلقئارا ئىشلاردا نىسبەتەن مۇلايىم ئۇسۇل قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ، بۇ تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان ئىران يادرو پىلانى سۆھبىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . ھەسەن روۋھانى گەرچە غەرب ئەللىرىدىن ‹‹ باش ئېگىش ›› نى تەلەپ قىلمىسىمۇ ، بىراق ئۇ ‹‹دۇنيا بىلەن قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزئارا قوزغىتىش ئېلىپ بېرىش ›› ئۈستىدە ئىزدىنىشنى نىيەت قىلغان ، بۇ ئىران ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقان خەلقئارا جازانى بىكار قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .

  ھەسەن روۋھانى بۇ قېتىمقى سايلام رىقابىتىدە ئىسلاھات ھەققىدە چوڭ سۆزلىگەن ، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقى ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن . تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە ، ئۇ ئىراندا چەكلەنگەن بەزى پاراڭ تېمىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىلغا ئالغان ، مەسىلەن : دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن مەيدانى بىردەك بولمىغان يادرو پىلانى ، ئەھۋالى ئېغىر بولغان خەلقئارا جازا ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جىددىي ئەھۋالى ۋە ئىراننىڭ خەلقئارادىكى يېتىم (يەككە-يېگانە) لىكى قاتارلىقلار . ئۇ ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن . ئۇ يەنە ئىراننىڭ كونا دۈشمىنى ئامېرىكا بىلەن 1979-يىلى ئۈزۈلگەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەھدە قىلغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە