- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىچكى مۇڭغول ئەڭ چوڭ ئېيىق تاپىنى ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلدى
2013.06.18 14:29
17-ئىيۇن ، مۇخبىرنىڭ مەنجولى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 22-ماي ، بۇ تاموژنا تاشيول پورتىدا چېگرىدىن كىرگەن رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ بالونىدىن 213 دانە ئېيىق تاپىنىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ ، بۇ ، ھازىرغا قەدەر ئېلىمىزدە پاش قىلىنغان ئەڭ چوڭ ئېيىق تاپىنى ئەتكەسچىلىك دېلوسى ئىكەن . باھالاپ بېكىتىش ئارقىلىق ، 213 دانە ئېيىق تاپىنىنىڭ قوڭۇر ئېيىق تاپىنى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان . نۆۋەتتە ، دېلوغا چېتىشلىق رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى ئىككى جىنايەت گۇماندارىغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان بولۇپ ، بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى ئېلىمىزدە سوتلىنىپ ، جازالىنىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە