باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن خامچوتتىكى 8 ئالاھىدە نۇقتىنى تەكىتلىدى

2013.06.14 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن موسكۋادىن بەرگەن خەۋىرى:رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 13-چېسلا كرېمل سارىيىدا خامچوت ھەققىدە دوكلات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ 2014-يىلدىن 2016-يىلىغىچە بولغان خامچوت سىياسىتىدىكى 8 ئالاھىدە نۇقتىنى تەكىتلىدى. پۇتىن مۇنداق دېدى:«ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي مەجبۇرىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىدۇ ھەمدە كەلگۈسى 3 ئاي ئىچىدە 2030-يىلىغىچە بولغان خامچوت ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا دۆلەتنىڭئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى تەڭشەيدۇ».

  پۇتىن مۇنداق دېدى:كەلگۈسى3 يىلدا، ئالدى بىلەن خامچوت سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيىتىنى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  پۇتىن خامچوت چىقىمقۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئىشەنچلىك ۋە ئۇزاق مۇددەت تەڭپۇڭ بولغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىشنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، باج تۈزۈمىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، خامچوت ۋە خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىنىڭ ئاشكارىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق 8 ئالاھىدە نۇقتىنى تەكىتلىدى. (لىن شۆدەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە