باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى بېيجىڭدا ئېچىلدى(1)

2013.06.19 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى خىزمىتى يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، پۈتۈن پارتىيەدە تەلىم تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن كۆرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى چىڭىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئامما رازى بولىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچاڭ، جاڭ دېجاڭ، يۈ جىنشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەنى تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن تېلىۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاممىۋىي لۇشىيەن پارتىيەمىزنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسى ۋە تۈپ خىزمەت لۇشيەنى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن كۆرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا خەلققە تېخىمۇ كۈچلۈك تاينىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىشىلەر رايىنىڭ مايىل ياكى ئەمەسلىكى پارتىيەنىڭ ھايات-ماماتلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە باشتىن ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولغاندىلا، خەلقنىڭ تارىخنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تايانغاندىلا ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت بولالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا نۆۋەتتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز شۇنى قەتئىي كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئىدىيە جەھەتتە بوشىشىپ كېتىش خەتىرى، ئىقتىدار يېتىشمەسلىك خەتىرى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەتىرى، پاسسىپ چىرىكلىشىش خەتىرى پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان كەسكىن مەسىلە، پارتىيە ئىچىدە ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى زور دەرىجىدە مەۋجۇت، بۇ ئاساسلىقى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك جەھەتتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى قاتتىق تەكشۈرۈشىمىز، ئىللەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە