باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاشلىۋېتلگەن بوۋاقلارنى خالىغانچە بېقىۋېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش قاتتىق چەكلەندى

2013.06.19 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، دىن ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار« تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ھەققىدە» بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلاردىن تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى قېلىپلىق باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، ھەرقانداق ئاپپارات ۋە شەخسنىڭ تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى بېقىۋېلىشىنى قاتتىق چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى ئۆز مەيلىچە بېقىۋېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت ــ تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش، كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا، مۇنداق ئىككى تەرەپتنى ئويلاشتۇق، بىرىنچى، بۇ مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە بېجىرىشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى.« ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا ئانىلىرى، بوۋا مومىلىرى، قېرىنداشلىرى، مۇناسىۋىتى يېقىن باشقا تۇغقانلىرى، دوستلىرى، ئاتا ئانىسىنىڭ ئىدارىسى ياكى قورامىغا يەتمىگەنلەر تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھامىچىسى بولۇش سالاھىيىتى بار، ئىككىنچى، بۇ تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ تەلىپى.

  نۆۋەتتە ئېلىمىز شەھەر يېزىلاردىكى يىتىم بالىلار، تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار 570مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ يىتىم بالىلارغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا پۇقرالاردىن تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار بايقالغان ھامان، بىرىنچى بولۇپ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىغا ياكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇش، ۋاقتىدا قانۇن بويىچە يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلش تەلەپ قىلىندى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنىڭ ئۆز ئاتا ئانىسى ۋە باشقا ھامىيچىلىرىنى تېپىپ بېرىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشى،ئاتا ئانىسىنى ۋە باشقا ھامىچىلىرىنى تاپالمىغانلىرىنى مەسئۇل خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەستىقلىغاندىن كېيىن بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتىغا كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بېقىۋالغۇچىنىڭ بېقىۋېلىش ئىستىكى بولۇپ، بېقىۋېلىش قانۇن سىياسەتلەردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولسا قانۇن بويىچە بېقىۋېلىشقا تىزىملىتىشى كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە