باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېنەندىكى 11 نارەسىدە قىزغا باسقۇنچىلىق ۋە پەسكەشلىك قىلغان ئەمەلدارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

2013.06.20 11:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن جېڭجوۋدىن بەرگەن خەۋىرى: خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، يۇڭچېڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىنگۇڭغا باسقۇنچىلىق جىنايىتى، بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن 18-ئىيۇن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.2012-يىل 5-ئايدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر قىزنىڭ ئانىسى دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار يۇڭچېڭ شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم دېلو سادىر قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان لى شىنگۇڭنى قولغا ئالدى، بۇنىڭ بىلەن 11 نارەسىدە قىزغا باسقۇنچىلىق ۋە پەسكەشلىك قىلىش دېلوسى شەرمىساز بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغانىدى. (لى لىجىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە