باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زىجىنشەن كانچىلىق شىركىتىگە 30 مىليۇن يۈەن جەرىمانە قويۇلدى

2013.06.19 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 18-ئىيۇن 4 قېتىملىق مۇھىتنى بۇلغاش جىنايىتى تىپىك دېلوسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېلان قىلىنغان زىجىنشەن كانچىلىك گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى زىجىنشەن ئالتۇن، مىس كېنىنىڭ مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاش دېلوسىدا جاۋاپكار ئورۇنغا 30 مىليون يۈەن جەرمانە قويۇلدى، نۇرغۇن كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، زىجىنشەن ئالتۇن، مىس كېنى 2008-يىلى 3-ئايدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان ۋە دەلىللىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 6-نومۇرلۇق كۆزىتىش قۇدۇقى بىلەن كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش سۈڭگۈچىنى تۇتاشتۇرغان، 2009-يىلى 9-ئايدا فۇجيەن ئۆلكىلىك مۇھىت ئاسراش نازارىتى مەسىلىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تەلتۆكۈس تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقتىمۇ شېركەت بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن بۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇن خەتەر يەنىلا ساقلىنىپ، نۇرغۇن يەردىن كېتو كىسلاتا تەركىۋى بار كېرەكسىز سۇ چىقىپ كېتىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى سۇنى بۇلغىغان، سۇدىكى نۇرغۇن بېلىقلار ئۆلۈپ كەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە