باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹چېن گۇاڭ›› خەلقئارا بەش خىل مېتال قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شەھەرچىسى تۈرىگە مارالبېشىدا ئۇل سېلىندى

2013.06.14 17:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى قۇرۇلۇشقا ئۇل سالماقتا
  يېقىندا ، 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ‹‹ چېن گۇاڭ ›› خەلقئارا بەش خىل مېتال قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شەھەرچىسى تۈرىگە مارالبېشى ‹‹شېنلۇ›› سانائەت باغچا رايونىدا ئۇل سېلىندى .

  مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ سودىگەر چاقىرىپ ، مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىنىڭ بىرى بولغان ‹‹چېن گۇاڭ›› خەلقئارا بەش خىل مېتال قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شەھەرچىسى تۈرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 252 مو ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 350 مىڭ كىۋادىرات مېتىر بولۇپ ، قۇرۇلۇش ئۈچ يىلغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن . ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 300 مىليون يۈەن بولۇپ ، قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ، ئۆي جاھازىلىرى ، سىفېرلىق ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ، بەش خىل مېتال ، يېمەك-ئىچمەك ، كۆڭۈل ئېچىش ۋە مېھمانخانا قاتارلىق ئالتە چوڭ سودا تۈرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن سودا رايونىغا ئايلىنىدىكەن .

  مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ سودا شەھەرچىسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق سېتىپ چىقىرىش سوممىسى 1 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە ، پايدا باج سوممىسى 12 يۈەنگە يېتىدىكەن ، ھەمدە يەرلىكنى 500 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە