باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش تۇماندىن بۇلغىنىشنى ئازايتىدۇ

2013.06.17 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 17-ئىيۇن-ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مەملىكەتلىك تۆۋەن كاربونلۇق كۈنى. تۆۋەن كاربون-پارنىك گازىنى ئاز چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ.

  ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر ئىستېمالى ۋە ئۇ چىقارغان بۇلغىمىلار خېلى كۆپ، بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر ئىستېمالى دۇنيا كۆمۈر ئىستېمالىنىڭ %45 نى ئىگىلىدى، كۆمۈر ئىمپورتى 270 مىليون توننىغا يېتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىمپورت دۆلىتىگە ئايلاندى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې جېنخۇا مۇنداق دېدى: تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش-كىشىلەرنىڭ كىيىنىش، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇشىدا ئېنېرگىيە، بايلىق سەرپىياتى، كاربون چىقىرىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشىدىكى بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى. ئاساسلىقى تېجەشلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش، تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كاربون چىقىرىشنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلى بىر خىل شەخسىي تۇرمۇش پوزىتسىيىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تېجەشلىك، ئىقتىسادچىل بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

  شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كىچىك ئىشلاردىن تۇتۇش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىيىنىش، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇشىدىكى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىستېمال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش لامپىسىنى مىسالغا ئالساق، 11 ۋاتلىق ئېنېرگىيە تېجەش لامپىسى 40 ۋاتلىق چوغلانما لامپىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ، يورۇتۇش ئۈنۈمى خېلى يۇقىرى، بىر لامپا بىلەن بىر يىلدا 34 كىلوۋات توكنى تېجىگىلى، توك ھەققىدىن 17 يۈەننى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئېلىمىز ئىشلىتىۋاتقان چوغلانما لامپا بىر مىليارد 400 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنېرگىيە تېجەش لامپىسىغا ئالماشتۇرساق، بىر يىلدا 48 مىليارد كىلوۋات سائەت توكنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە