باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاز سانلىق مىللەت ئىقتىساسلىقلىرىغا 15 مىليون يۈەن ئاجراتتى

2013.06.15 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13 يىل داۋاملاشقان شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر پەن-تېخنىكا ئىقتىساسلىقلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش پىلانى بويىچە 344 تۈرگە ياردەم بېرىلدى، بۇنىڭدىن تەربىيەلىنىپ چىققان بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەر قايسى ساھەلەردىكى پەن-تېخنكا تايانچلىرى ۋە باشلامچىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

  2000-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر پەن-تېخنىكا ئىقتىساسلىقلىرىنى ئالاھىدە تەربىيلەش پىلانى پەن-تەتقىقات مەخسۇس مەبلىغى» تەسىس قىلىپ،بۇنىڭغا ھەر يىلى 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا ئىقتىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىشلەتكەن. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا غوللۇق تايانچ كادىرلىرىنى قوللاپ، ئاپتونوم رايون پەن-تېخنىكا تۈرىنى يولغا قويغارن. بۇ يىل بۇ مەبلەغنىڭ سوممىسىنى 15 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرگەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىرغىچە، بۇنىڭدىن 344 تۈرگە ياردەم بېرىلگەن، بۇ يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، جانلىقلار تېخنىكىسى، داۋالاش-سەھىيە، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇھىت ئاسىراش، ئېلىكتىرون ئۇچۇر تېخنىكىسى، مەدەنىيەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن، بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا ئىقتىساسلىقلىرى، ئىلىمىي تېخنىكا باشلامچى قوشۇنى يىتىشىپ چىقىپ، يىڭىلىق يارىتىشچان پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى قولغا كېلىپ، ياخشى ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىلغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا ئىقتىساسلىقلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىي قاتلامدا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش باش پونكىتىدىكى ياقۇپجان تاماملىغان زاراڭزىنى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق تېرىش تېخنكىسى تەتقىقاتى»تۈرى نەتىجىگە ئىرىشكەن بولۇپ، تېرىش كۆلىمى 160 مىڭ موغا يەتكۈزۈلگەن، يېڭىدىن ئاشقان ئومۇمىي بىرلىك مەھسۇلاتى 32 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە