باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلاردا ئىشلەيدىغانلار كەمچىل بولغان

2013.06.14 17:20         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ باشلىرىدا 2013-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى% 54.2 ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار خىزمەتچىگە ئېھتىياجلىق، يەنە% 15 كە يېقىن كارخانىغا بىرمۇ ئادەم خىزمەت ئىزلەپ كەلمىگەن بولۇپ، ئىستۇدېنتلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقى كېڭەيگەن.

  12-ئىيۇن، شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك يول ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا قەدەر شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ سانى 64 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كارخانا ئومۇمىي سانىنىڭ %99.6 نى ئىگىلىگەن، ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى بىر مىليون 700 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %72.3 نى ئىگىلىگەن.

  تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، كىچىك تىپتىكى كارخانىلار خىزمەتچى ئىشلىتىش جىددىي بولۇش مەسىلىسى پەسىل خاراكتېرلىك بولۇشتىن پۈتۈن يىللىق خاراكتېرگە، قىسمەن كەسىپلەردىن كۆپ خىل كەسىپلەرگە قاراپ ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى نىسبەتەن كۆپ ئىكەن.

  ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان، چەتتىن مەبلەغ كىرگۈزگەن چوڭ تۈرلەرمۇ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان، چەتتىن مەبلەغ كىرگۈزگەن چوڭ تۈرلەردە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالدىن ئويلىشىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە