خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 13-ئىيۇن سائەت 13دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، «ئەرش ئوردىسى-1» ناملىق نىشانلىق ئۇچقۇ «خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتوماتىك تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ «ئەرش ئوردىسى-1»ناملىق نىشانلىق ئۇچقۇنىڭ 2011-يىلى 9-ئايدا ئوربېتاغا قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان خاسىيەتلىك كېمە ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن 5-قېتىم تۇتاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.
سائەت 16دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، «خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى شې خەيشېڭ، جاڭ شياۋگۇاڭ، ۋاڭ ياپىڭلار «ئەرش ئوردىسى-1» ناملىق نىشانلىق ئۇچقۇنىڭ ئىشىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، «ئەرش ئوردىسى-1» ناملىق نىشانلىق ئۇچقۇغا لەيلەپ كىردى. (يۈ جيەنبىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)