باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر، قورغاس ئىقتىساد–تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى

2013.06.14 16:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭ شيۇلىڭ ، چىن يوڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ‹‹قەشقەر ئىقتىساد–تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى›› بىلەن ‹‹قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى››نى تەستىقلاپ، بۇ ئىككى ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى نۇقتا، يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم ئاساس يارىتىپ بەرگەن .

  قەشقەر، قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى ئاساسلىقى بۇ ئىككى رايوننىڭ تەرەققىيات ئاساسى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى، ئومۇمىي تەلەپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئىشىكنى سىرتقا ئىچىۋېتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەشقەر، قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالغۇسى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹قەشقەر، قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونلىرىنى ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئىچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى قىلىش››تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىستراتېگىيەنى چۆرىدەپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەچكە، بۇ ئىككى ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى. 4 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قەشقەر ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 82 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، سۇ، توك، يول، گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 588 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، سۇ، توك، يول، گاز، گۈزەللەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو – قازاقىستان خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى 2012 – يىلى 4 – ئايدا رەسمىي دائىرە بەلگىلەپ تىجارەت باشلىدى.

  قەشقەر ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلغان 34 تۈردە قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە 2 مىليارد 430 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇ رايون بۇ يىل يەنە 34 تۈردە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 8 مىليارد 50 مىليون يۈەنگە يەتتى. قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلغان تۈردىن 59 ىدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە 7 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى. ھازىر بۇ تەرەققىيات رايونىنىڭ تاشقى سودا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. 2010 – يىلى قورغاس پورتىدىن ئۆتكەن مال 3 مىليون 80 مىڭ توننا بولۇپ، 2012 – يىلىغا كەلگەندە 17 مىليون 630 مىڭ توننىغا (15 مىليون 800 مىڭ توننا تەبىئىي گازنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېتىپ، ئىككى يىلدا 4.7 ھەسسە ئاشتى؛ ئىمپورت – ئېكسپورت سودا سوممىسى 2010 – يىلى 3 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2012 – يىلىغا كەلگەندە 11 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2.7 ھەسسە ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە