- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


توققۇز تارماق بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدىغان تىياتىرخانا-ئۆمەكلەرنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاشنى تەلەپ قىلدى
2013.06.14 16:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر يېقىندا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق مەركەزدىكى 8 پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە «كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت تىياتىرخانا-ئۆمەكلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، جايلاردىن كارخانىغا ئۆزگەرتىلگەن تىياتىرخانا-ئۆمەكلەرگە بولغان سىياسەت مەدىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن تىياتىرخانا-ئۆمەكلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن تىياتىرخانا-ئۆمەكلەرنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمى ئۆزگەرتىلگەن تىياتىرخانا-ئۆمەكلەرنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئېلىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. (جاڭ خې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە