باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمەلدارلارنىڭ مال مۈلۈكىنى ئاشكارىلاشنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىدۇ؟

2013.01.23 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جېجياڭ، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلار 2012-يىلىدىن تارتىپ، ئەمەلدارلارنىڭ مال مۈلۈكىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى ئۈستىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىزدىنىپ، ھەر ساھەنىڭ داۋاملىق دىققىتىنى قوزغىدى. 2012-يىلى 7-ئايدا چىقىرىلغان «جۇخەي شەھىرىنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات دوكلاتى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇخەينىڭ تۈزۈم ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىدۇ، خېڭچىن يېڭى رايونىدا باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ شەخسىي مال مۈلۈكىنى مەلۇم قىلىش سىنىقى يولغا قويۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، جۇخەي شەھىرىدىكى باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ شەخسىي مال مۈلۈكى ئىچكى تور ئارقىلىق، پۈتۈن رايوندىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئېلان قىلىنغان. گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئاخبارات باياناتچىسى مېي خېچىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: نەنشا رايونىدىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ مال مۈلۈكىنى ئاشكارىلاش، مەلۇم قىلىش سىناق دائىرىسى-باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار بولىدۇ، بۇلار يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن شەھەر باشقۇرۇش كادىرلىرى، رايون سىرتى ياكى باشقا تارماقلارغا يۆتكەلگەن نەنشا رايونىنىڭ باشقارما، ئىدارە دەرىجىلىك كادىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرىنىڭ كادىرلارنى ئۆستۈرۈشتە ئالدى بىلەن مال مۈلۈكىنى مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇنىڭ دائىرىسى شەھەر باشقۇرۇشتىكى باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە رايون، ناھىيە باشقۇرىدىغان بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلار بولىدۇ، مەلۇم قىلىش مەزمۇنى ئاساسلىقى كادىرلارنى ئۆستۈرمەكچى بولغان ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاشكارىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  جېجياڭ ئۆلكىسى پەنئەن ناھىيەسىنىڭ كادىرلارنىڭ مال مۈلۈكىنى ۋەزىپە ئۆتەشتىن بۇرۇن ئاشكارىلىشى-رىقابەت خاراكتېرلىك ئۆستۈرۈلىدىغان كادىرلار ئارىسىدىلا سىناق قىلىش بىلەن چەكلەندى. «ئۆستۈرۈلمەكچى رەھبىرى كادىرلارنىڭ مال مۈلۈكىنى مەلۇم قىلىش جەدۋىلى»نىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ئاشكارىلاش ئوبيېكتى ئىشلەيدىغان ئورۇنلاردا ئاشكارىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامما ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئۆي مۈلۈك، ماشىنا، كىرىم، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق تۆت تۈرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ناھىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى تورى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ ھەم پاش قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىنىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى تيەن جىجيەن مۇنداق دەپ قارىدى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ ئەھۋالىدا چوڭ پەرق بار، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئەمەلدارلارغا بولغان تۈزۈم تەلىپىدە، پاكلىقنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە ئىش ئورنى خاسلىقى جەھەتتە پەرق بار، لېكىن ئەمەلدارلارنىڭ مال مۈلۈكىنى ئاشكارىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش، پاك بولۇش ھەققىدىكى يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، نازارەت ھوقۇقىنى ئۆزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى جاڭ چاڭمىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەمەلدارلارنىڭ مال مۈلۈكىنى ئاشكارىلاشنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىش ھەم پۇقرالارنى نازارەتچىلىككە قاتناشتۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئوخشىمىغان تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر توساقلىرىنى تۈگىتىپ، ئۆي مۈلۈك، ئامانەت پۇل، زايوم قاتارلىق مال مۈلۈك ئۇچۇر مەلۇمات سەھنىسى بەرپا قىلىپ، مال مۈلۈك ئاشكارىلاشنى تەكشۈرۈشكە تېخنىكا مەدىتى يارىتىپ بېرىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە