باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىجياجۇاڭدا ئۈچ يۈەنلىك خەلق پۇلى پەيدا بولۇپ قالدى

«سوۋېت ئۈچ خىل پۇلى» بولۇشى مۇمكىن

2013.01.23 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، شياجۇاڭدىكى چېن ئەپەندى كونا ئۆيىدىن نەچچە ئون يىل ساقلانغان قىممىتى ئۈچ يۈەنلىك خەلق پۇلىنى تېپىۋالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ 1953-يىلى تارقىتىلغان بىردىنبىر قىممىتى ئۈچ يۈەن بولغان خەلق پۇلى بولۇپ، يىغىپ ساقلىغۇچى ھەۋەسكارلار تەرىپىدىن «سوۋىت ئۈچ خىل پۇلى» دەپ ئاتالغان.

  ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، «سوۋىت ئۈچ خىل پۇلى» 3 يۈەنلىك، 5 يۈەنلىك ۋە 10 يۈەنلىك ئۈچ خىل قىممەتتىكى پۇل بولۇپ، 1953-يىلى بېسىلغان، 1955-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ ئىككىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى سۈپىتىدە تارقىتىلغان. ئۇ مەزگىلدە دۆلىتىمىزنىڭ پۇل بېسىش تېخنىكىسى ۋە ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى، سۈپىتى ياخشى پۇل قەغىزى قىس بولغانلىقتىن، بۇ ئۈچ خىل قىممەتتىكى خەلق پۇلىنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدە لايىھەلىنىپ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىنغان، شۇڭا «سوۋىت ئۈچ خىل پۇلى» دەپ ئاتالغان. بۇ قىممىتى ئۈچ يۈەنلىك پۇلنىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇكى، بۇرۇن تارقىتىلغان بىرىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ۋە ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىدا، ئۈچ يۈەنلىك خەلق پۇلى قايتا تارقىتىلىپ باقمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە