- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئىشتاتىنى تەكشۈرۈش دائىرىسى كېڭەيتىلدى
2013.01.21 14:03 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو مائارىپ تورى تېلېگراممىسى : شىنجاڭ يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى يېڭى كاپالەتكە ئىگە بولدى . مۇخبىرنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئورگان ئىشتاتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2012-يىلى قانات يايدۇرۇلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ، باشانغۇچ مەكتەپلەر ئورگان ئىشتاتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىدە ، دۆلەتنىڭ تۈرلىرىگە كىرگۈزۈلگەن يېزا قوش تىل يەسلىلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئىشتاتلار كاپالەتلەندۈرۈلگەندىن باشقا ، شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆزلىرى قۇرغان ياكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەر قۇرغان يېزا قوش تىل يەسلىلىرى بىردەك بۇ قېتىمقى ئىشتات تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن ، شۇنداقلا ھەر يىلى ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ، تەكلىپ قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا كەسپىي ئىشتات چۈشۈرۈپ بېرىلىدىكەن .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، 2009-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشتات تارماقلىرى قارار چىقىرىپ ، يېزا قوش تىل يەسلىلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىشتاتقا كىرگۈزۈپ باشقۇرىدىكەن ، ئىشتاتنى يىلمۇ يىل چۈشۈرۈپ ، قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن . بۇ مەزگىلدە ، ئاپتونوم رايون ھەرقايسى جايلاردىكى قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانىغا ئاساسەن ، ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردىكى ئىختىساسلىقلار زاپاس ئىشتاتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىشلىتىشتە ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى ئومۇميۈزلۈك زىچ ماسلاشتۇرۇلىدىكەن . مۆلچەرلىنىشىچە ، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىختىساسلىقلار زاپاس ئىشتاتى يەنە تەخمىنەن 15000 نەپەر كۆپەيتىلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە