- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گېرمانىيەنىڭ تۆۋەن ساكسون ئىشتاتىنىڭ بىرلەشمە ھاكىمىيىتى سايلامدا مەغلۇپ بولدى
2013.01.21 14:12 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
20-يانۋار ، گېرمانىيەنىڭ تۆۋەن ساكسون ئىشتاتىدا ، پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە يېشىل پارتىيە ئەڭ ئاخىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ ، نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ، سايلامدا غەلبە قىلغان .
تۆۋەن ساكسون ئىشتاتى گېرمانىيەنىڭ 4- چوڭ فېدېراتىپ ئىشتاتى بولۇپ ، تەخمىنەن 6 مىليون 100 مىڭ سايلىغۇچىسى بار . بۇ قېتىمقى سايلام بۇ يىل 9–ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان گېرمانىيە فېدېراتىپ پارلامېنت سايلىمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەپ قارالدى . سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە يېشىل پارتىيەنىڭ خىرىستىئان دىنى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئۈستىن غەلبە قىلىشى ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مۇكېر رەھبەرلىكىدىكى فېدېراتىپ پارتىيە ( خىرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن تەركىب تاپقان ) ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھاكىمىيىتىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە