- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالجىرىيە ھەربىي تەرەپ يەنە 25 جەسەتنى بايقىدى
تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار 80 گە يەتتى
2013.01.21 14:11 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ياپونىيە NHK تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئالجىرىيە ھەربىي تەرەپ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئىسلام قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋالغان گازلىقتا يەنە 25 ئادەمنىڭ جەسىتىنى بايقىغان ، بۇنىڭ بىلەن، تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ 80 گە يەتكەن .
خەۋەرگە قارىغاندا، ئالجىرىيە ھەربىي تەرەپ InAmenas گازلىقىغا بولغان ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغان بولۇپ ، يېقىندا ، يەنە 25 ئادەمنىڭ جەسىتىنى بايقىغان ، بىراق ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى تېخى ئېنىقلانمىغان ، ئالجىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەلىللىشىچە ، جەمئىي 32 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 23 نەپەر تۇتقۇن قازا قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭغا يەنە يېڭىدىن بايقالغان 25 جەسەتنى قوشقاندا ، بۇ ۋەقەدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى 80 گە يەتكەن .
ئالجىرىيە ئالاقە مىنىستىرى مۇھەممەد سەئىد ئېتىراپ قىلىپ : ‹‹ يارىلانغان ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ›› دېگەن
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە