باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر 2013-يىللىق جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى

2013.01.21 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-يانۋار دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ قىسمەن مۇتەخەسسىسلىرى 2013-يىللىق جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ۋەزىيىتى تەھلىلى ۋە مۆلچىرى دوكلات يىغىنىدا، بۇ يىللىق جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە مۆلچەرلىدى.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىي بازار ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى رېن شىڭجۇ جۇڭگونىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ يۈزلىنىش ۋەزىيىتى بىلەن تەڭشەپ كونتۇرۇل قىلىش سىياسىتى تەھلىلى ئۈستىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2012-يىلى جۇڭگونىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرىدا ئالدىدا تۆۋەنلەش، ئوتتۇرىدا يۇقىرىلاش، ئاخىرىدا تۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ كۆرۈلدى. بۇ يىل بازار ۋەزىيىتى نىسبىي مۇقىم بولىدۇ، لېكىن كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بازاردا داۋالغۇش بولۇشىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىي ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۈ بىن ئېلىمىزنىڭ بۇ يىلقى ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشى تېمىسىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى ئېشىش باسقۇچىدا بۇرۇلۇش ياساش ۋە يېڭى تەڭپۇڭلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. بۇ يىل ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى ئۆتكەن يىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلىشىشى، ئىستىمالچىلار ئومۇمىي باھا كۆرسەتكۈچى تەخمىنەن %4 ئېشىشى مۇمكىن.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن جۈن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى تاشقى ئىقتىساد تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لوڭ گوچياڭ قاتارلىقلار يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار، تاشقى سودا قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بۇ يىلقى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە